دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە

«تەپەككۇر تۈرمىسىدىن» قېچىپ چىقىش دانا كىشىلەرنىڭ تاللىشى

شوپېنخاۋېر مۇنداق دىگەن: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە ئادەمنىڭ تەپەككۇرىدۇر. بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ تونۇشى تەرىپىدىن چەكلىنىپ قالغان.

ئەگەر بىز ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى ياكى قولدىن بېرىپ قويغان ھەر خىل پۇرسەتلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرسەك، شۇنى بايقايمىزكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى سەۋەنلىكلەرنى بىز ئۆزىمىزنىڭ« بىلىش چەكلىمىسى» كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭغا باشقىلار قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان، مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، شۇڭا ئادەم بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ« بىلىش چەكلىمىسى» ئۈچۈن ھېساب بېرىدۇ. بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ« بىلىش تۈرمىسى» دە ياشايمىز.

كەلگۈسىدىكى دۇنيا كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدۇ، ئوخشاش ئادەملەر ئوخشاش بۆلەكلەرگە سېلىنىدۇ، بۆلەكلەرنىڭ تاملىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇچۇر غوزەك ئۆيى (بىلىش تۈرمىسى) دە ياشايدۇ. بۇ كىشىلەر بىر ـ بىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىدۇ، ئورتاق بىر ئاسمان ئاستىدا ياشايدۇ.ئاندىن قىسقا سىن كۆرۈنۈشى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش، ئويۇن، توردىن مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينايدۇ.

ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ئويغىتىشقا ياكى قىممەتكە مۇھتاج ئەمەس. بەلكى كەيپىياتقا تەسەللى بېرىش، ناركوز قىلىش ۋە خام خىيال قىلىش، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ھەر خىل غىدىقلاشلارغا ئېھتىياجلىق. ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، كەلگۈسىدىكى مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش ۋە يوللاش مېخانىزىمى تېخىمۇ سەرخىللىشىدۇ، ھەر بىر بۆلەكتە ئۇلار ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى دەل جايىدا تارقىتىدۇ.

دۇنيامۇ تەرتىپلىك ئايلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باشقۇرۇش ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كىشىلەر ھېچقانداق ئەمگەككە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ، جەمئىيەتتىمۇ ئۇلارنى باقىدىغان يېتەرلىك بايلىق بار بولىدۇ.

دۇنيانىڭ ئالغا بېسىشى ئەمەلىيەتتە ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ نادانلارنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى ئىلگىرىلەش.

« ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا مۇنداق بىر ئېنىق كۆز قاراش بار:«ئىنسانلار بىر خىل يېڭى تۈرنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، بۇ يېڭى تۈر يەر شارىنىڭ ئارقىسىدىكى تىزگىنلىگۈچىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان پەرقى بىز بىلەن شىمپەنزە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىنمۇ چوڭ».

چۈنكى بىر جەمئىيەتنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ بايلىق پەرقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، ئەقىل بۆلۈنمىسى قانچە چوڭ بولسا، بىلىش پەرقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

چۈنكى، پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولسا، بايلىق ۋە ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشچانلىقى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، بۇ چاغدا بايلىق تېخىمۇ پۇلدار كىشىلەرگە قاراپ ئاقىدۇ، ئۇچۇرمۇ يۇقىرى بىلىش سەۋىيەسىدىكى كىشىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ خىل يۈزلىنىش ئۆزگىرىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق ئەمدى تەبىقە پەرقى ئەمەس، ھەتتا ئوخشاش بولمىغان« تۈر» پەرقى بولۇپ قالىدۇ.

% 1 ئادەم تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ% 99 ئادەمنىڭ باشقۇرغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارنى ئاسانلا كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى، ھېسابلاش دەۋرىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مۈلۈك زاۋۇت، ئۆي، ماددا بولماستىن، بەلكى« سانلىق مەلۇمات» بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلار ھەممىگە قوماندانلىق قىلالايدۇ.

چۈنكى ئادەمنىڭ ھېسسىياتى، كەيپىياتى، ئىدىيەسى، مەدەنىيىتىنىڭ كەينىدە پۈتۈنلەي سانلىق مەلۇمات بار، پەقەت بىز ئىلگىرى كونترول قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تۇيغۇسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بۇ نەرسىلەرنى دەل جايىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچىگىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولمايتتى. لېكىن ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېشىلىپ، دۆۋە-دۆۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتى، كەيپىياتى، قىممەت قارىشى، ھەتتا بىۋاسىتە سېزىم، ئىلھام، ئارزۇ-ئىستەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئاسانلا ھېسابلاپ كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

ھېسابلاش ئۇسۇلى كونترول قىلىش پرىنسىپى نېمە؟

ئەگەر سانائەت ئىنقىلابى ئادەمنىڭ پۇت-قولىنى ئازاد قىلدى دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇچۇر ئىنقىلابى ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئازاد قىلىدۇ. ھېسابلاش دەۋرىدە، كىشىلەر مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كېچىپ، ھەر خىل« خۇمار بولۇش» نى ئىزدەيدۇ.

ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە دوپامىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل نېرۋا ئۆتكۈزۈش ماددىسى بار بولۇپ، ئادەم سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى بىلەن خۇشال بولغاندا دوپامىن زور مىقداردا پارتلاپ چىقىدۇ، بۇ خىل« راھەت» تۇيغۇدىن« ھېسابلاش ئۇسۇلى» پايدىلىنىپ كېتىدۇ، « ھېسابلاش ئۇسۇلى» سىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىڭىزنى توختىماي توپلايدۇ، سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزگە ئاساسەن سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزنى ھېسابلاپ چىقىپ، سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى بىۋاسىتە يوللاپ بېرىدۇ، سىز نېمىنى ياخشى كۆرسىڭىز شۇنى يوللاپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئادەم بارغانسېرى ھورۇنلىشىپ كەتتى، ھەتتا تاللاش ۋە پەرقلەندۈرۈشمۇ خوشياقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كەسپىي كوللېكتىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، كۆپچىلىككە ھەر خىل تەتۈر بايلىقنى تاللاش، رىغبەتلەندۈرۈش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىلمى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ مەزمۇنلار سۇپا ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ياردىمىدە، دەل جايىدا ھەربىر تەمگە ماس كېلىدىغان تاماشىبىنغا تەۋسىيە قىلىنىپ، بىزنى قاقاقلاپ كۈلدۈرىدۇ / خىيالغا چۆمدۈرىدۇ / لەززەت ئاتا قىلىدۇ / غىدىقلايدۇ...

بىز سۇپا تەمىنلىگەن مەزمۇنلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن خۇشال بولغاندا، ئۆزىمىزنىڭ ئاللىقاچان سۇپا كونترول قىلىدىغان بىر ئەزاغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز، بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىمىز ۋە ئادىتىمىز چەكلىمىسىز ئېچىلغان قېزىلما بايلىق بولۇپ قالىدۇ.

كەلگۈسىدە« چوڭ سانلىق مەلۇمات» قا ئىگە بولغان ئادەم مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار ئاجايىپ ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ، « ئاجايىپ ئەپچىل ھېسابلاش» ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىز ھەممىمىز ئاشكارا. ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئىنسانلار ئومۇمىي سانىنىڭ پەقەت% 1ىنىلا ئىگىلەيدۇ، لېكىن دەل مۇشۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر« چوڭ سانلىق مەلۇمات» قا تايىنىپ،پۈتۈن دۇنيانى كونترول قىلىدۇ.

99% ئادەم ھەر خىل تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تەسىرلەرگە بېرىلىپ كېتىدۇ. بۇ% 99 كىشى 1%كىشىنىڭ ھەرىكىتى كەيپىيات تەرىپىدىن يېتەكلىنىدۇ، ئۇلار قىممەت ۋە ئىدىيەگە ئەمەس، بەلكى ھەر خىل كەيپىياتقا تەسەللى بېرىشكە موھتاج، شۇڭا ئىنتېرنېت تورىدا ئەڭ ئاسان تارقىلىدىغىنى ئەزەلدىن ھەر خىل كەيپىيات ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، ھەقىقىي قىممىتى بار نەرسىلەر ناھايىتى ئاز، بۇ% 99 كىشى ئۆزىنى ھەر خىل ھەقىقەت ۋە نەزەر دائىرىسىنى ئىگىلىدىم دەپ قارىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار پەقەت كەيپىياتنى ئىدراك، ئۇچۇرنى بىلىم، بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئىدىيە دەپ قارىغان خالاس.

كىشىلەر ئەدەبىيات، پەلسەپە، ئىدىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق چوڭقۇر نەرسىلەردىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر بەك چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە كۈچلۈك بىلىم سەۋىيەسىنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۆزىنى ناركوز قىلالايدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، قىسقا سىن، ئويۇن ۋەكىللىكىدىكى ئالاقە تورى كۆڭۈل ئېچىش كەسپى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ، مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلانغاچقا، كۆپچىلىك ئىزچىل بېرىلىپ كېتىپ، ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ.

پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، % 99 كىشى بارغانسېرى دۆتلىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار خۇددى ئەرمەك ھايۋانغا ئوخشاش «قوتاندا» بېقىلىدۇ.

مەسىلەن، ھەربىر كىشىگە 10 كىۋادرات مېتىرلىق بوشلۇق بېرىش، ئۇلارنى ھەر كۈنى كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى، ئويۇن-تاماشا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، قىسقا سىن، رومانلارغا مەپتۇن بولغان ئۇلار خۇددى ئىزچىل چوڭ بولمىغان بوۋاقلارغا ئوخشايدۇ، يىغلىسا بەزلەپ قويسا ياكى بىر سوسكا سۈت ئىچكۈزسە بولىدۇ، ئاندىن ھەر خىل ئەرزان باھالىق يېمەكلىكلەر بىلەن تويۇنۇپ، ھەر كۈنى ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن ئويناش، ھەر خىل غىدىقلاشلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئەگەر بىر ئادەم مەدەنىيەتسىز، ئۆگىنىشكە ماھىر بولمىسا، كىشىلىك تۇرمۇش بارغانسېرى مەنىسىنى يوقىتىدۇ، قىلچە ئۈمىد قالمايدۇ، ئۇلار بارا-بارا كېرەكسىز كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىت ـ مۈشۈكلەرگە ئوخشاش« قوتاندا »بېقىلىدۇ. ھەر خىل ئەرزان باھالىق يېمەكلىكلەر بىلەن تويۇنۇپ، ھەر خىل قىسقا ۋىدىئو / ھېكايە / كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى / ئويۇنلاردا لەززەتلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، جەمئىيەتنىڭ ئۇلارنى باقىدىغان يېتەرلىك بايلىقى بار، گەرچە بۇ ئەرمەك ھايۋانلار ھېچقانداق قىممەت يارىتالمىسىمۇ، لېكىن جەمئىيەت ئۇلارنى «قوتان»دا باقالايدۇ. پەقەت ئۇلارغا بىر چىشلەم تاماق بېرىپ، ئۇلارغا قىزىقارلىق نەرسىلەرنى بەرسەكلا، ئۇلار بۇنىڭ ئىچىگە غەرق بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاستا-ئاستا خورىتىۋېتىدۇ.

مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى كۆڭۈل ئېچىش / ئويۇن / قىسقا سىن كۆرۈنۈشىنىڭ شۇنچە تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەب. چۈنكى ئۇلار چوقۇم ئۆزىنىڭ ئارتۇقچە زېھنىنى خورىتىشى، ھەر خىل ۋاقىتلىق ھەم ھاياجانلىق خۇشاللىقلارغا مەپتۇن بولۇشى كېرەك. مانا بۇ ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ئارتۇقچە زېھنىنى خورىتىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.

بۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىشى كالا، قوي، توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىقلارنى قوتاندا بېقىشتىن باشلىنىدۇ، بىراق ئۇ يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىدۇر. كېيىن مەدەنىيلىك يەنە سانائەت مەدەنىيلىكىنى، يەنى قوتاندا بېقىش ماشىنىسى مەدەنىيلىكىنى باشتىن كەچۈردى، بىز ناھايىتى تېزلا ئەقلىي مەدەنىيلىك باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق، ئەقلىي مەدەنىيلىك دەل« قوتاندا بېقىلغان ئادەم» مەدەنىيىتىدۇر.

كەلگۈسىدە پەقەت% 1 كىشى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ% 1 كىشى تەلەپچان بولۇش، ئۆگىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئىلغارلىشىپ بارىدۇ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق قوراللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ خىل ئادەملەر بارغانسېرى ئازلايدۇ، ئەمما دەل مۇشۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئىنسانلار ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىغا ئايلىنالايدۇ، ھەممىگە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ جەمئىيەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ.

دەرۋەقە، ئىنسانلار ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈۋاتىدۇ: ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدە ياشايدۇ، كۆپچىلىك بىر دۇنيادا تۇرغان تەقدىردىمۇ، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ چىقىشى ئاددىي، مەدەنىيىتى ئادەتتىكىچە، ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە، يەنە كېلىپ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يوق، ئۆگىنىشكە ماھىر بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قاتمۇ قات قاتلامغا قاتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتى يوق، ئىدىيىسى يوق، قەرز ئالالمايدۇ، باج تاپشۇرالمايدۇ، پەقەت بىر خىل چىرىكلەشكەن، زۇلمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، خۇددى تىرىك مۇردىغا ئوخشايدۇ.

この記事が気に入ったらサポートをしてみませんか?